باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل ھازىرقى مۇساپىرلار سىياسىتىنى ئۆزگەرمەيدۇ، دېدى

2016.03.01 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە زوڭلىسى مېركىل 28-فېۋرال گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمېتىنىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان مۇساپىرلار سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، قۇبۇل قىلىدىغان مۇساپىرلار سانىغا يۇقىرى چەك بېكىتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  مېركىل شۇ كۈنى كەچتە گېرمانىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ گېرمانىيە چېگراسى ئىچىدىكى مۇساپىرلار سانىنى ئازايتىشقا كۈچەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىراق ئۇ يەنە بىر قېتىم، قۇبۇل قىلىدىغان مۇساپىرلار سانىغا يۇقىرى چەك بېكىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مېركىل، مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى مىسلىسىز خىرىسنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەگەر بىر قىسىم ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى چېگراسىنى تاقىسا، باشقا دۆلەتلەر چوقۇم چېتىلىپ قالىدۇ. ياۋروپا چوقۇم بىردەك ئىتتىپاقلىشىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى نامايان قىلىشى لازىم، دېدى.

  گېرمانىيەنىڭ مۇساپىرلار ۋەزىيىتى داۋاملىق ئېغىرلاشتى. گېرمانىيە ھۆكۈمەت تەرەپ سىتاتېستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى گېرمانىيەدە تىزىمغا ئالدۇرغان مۇساپىرلارنىڭ سانى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. زور تۈركۈمدىكى مۇساپىرلارنىڭ داۋاملىق كېلىشى گېرمانىيە جەمئىيىتىدە ھەرخىل مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى، مېركىل ئۆزىنىڭ بىر قەدەر كەڭچىل بولغان مۇساپىرلار سىياسىتى سەۋەبلىك ئەيىپلەشلەرگە ئۇچرىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر