باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون يەمەندىكى بىر بازارنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2016.03.01 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 28-فېۋرال باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، يەمەننىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ۋە يەر يۈزى ئۇرۇشىغا داۋاملىق ئۇچراۋاتقانلىقىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى ھەمدە يەمەننىڭ پايتەختى سانادىكى بىر بازارنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: سانادىكى بىر بازار 27-فېۋرال ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، پۇقرالاردىن نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم بولدى، بان كېمون بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ. بان كېمون مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك، بۇ خەلقئارا قانۇنلاردا پۇقرالار ۋە بازارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاممىۋى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش چەكلەنگەن. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇنداق ھۇجۇملار خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ، مەن بۇ ئىشنى ئادىل تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر