باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركېل: ھازىرقى مۇساپىرلار سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيمىز

2016.03.01 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 28-فېۋرال كەچتە گېرمانىيە تاراتقۇسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھازىرقى ئېچىۋېتىلگەن مۇساپىرلار سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنى بېكىتمەيدۇ. مېركېل شۇ كۈنى كەچتە گېرمانىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت گېرمانىيەدىكى مۇساپىرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا. لېكىن ئۇ يەنە بىر قېتىم مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشقا چەك قويۇشقا قارشى تۇرىمەن دېدى. مېركېل مۇنداق دېدى: مۇساپىرلار كىرىزىسى ئېلىپ كەلگەن خىرىس مېنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىم ئىچىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان. ناۋادا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۆز چېگرىلىرىنى تاقىسا، باشقا دۆلەتلەر بۇنىڭغا چېتىلىپ قالىدۇ. ياۋروپا بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى نامايەن قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر