باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە رەددىيە بەردى

2016.03.01 13:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان 28-فېۋرال پايتەخت بۇداپىشتتا دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى تەنقىدلىدى. ئوربان مۇنداق دېدى: ياۋروپاغا كېلىۋاتقانلارنى توسۇغىلى بولىدۇ، لېكىن مەسىلە شۇكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئارزۇسىمۇ يوق. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆچمەنلەرنى مەجبۇرىي تەقسىملىشى ياۋروپا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ۋەيران قىلماقتا. ئوربان ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنگرىيەگە مۇساپىرلارنى مەجبۇرىي تەقسىم قىلىپ بېرىشىگە قوشۇلۇش قوشۇلماسلىقنى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ قارار قىلىش تەشەببۇسى ھەققىدە توختىتىلىپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىيخەلق قارار چىقىرىدىغىنى ۋېنگىرىيە ياۋروپا سوت مەھكىمىسىگە شىكايەت سۇنغان مۇساپىرلارنى تەقسىملەش مەسىلىسى بولماستىن مارتتا كۈن تەرتىپكە كىرگۈزىلىدىغان مەجبۇرىي تەقسىم قىلىش مەسىلىسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر