باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھ بىر بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى

2016.03.01 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-فېۋرال سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، كېلىشىم سۇرىيەنىڭ زور كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئاساسەن ئەمەلىيلەشتى. لېكىن سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھ بىر بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىكى خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەشتى. سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 28-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى لاتاقىيە ئۆلكىسىنىڭ شىمالى رايونى سۇرىيە-تۈركىيە چېگراسىدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئون نەچچە قېتىملىق توپ ئوقى ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر قانچە كىشى يارىلانغان. سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشكەن، لېكىن توققۇز قېتىم ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ ئالىي سۆھبەت كومىتېتى مۇنداق دېدى: ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى قوراللىقلىرى دەمەشقنىڭ غەربىي شىمالىدىكى زابادانى شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش توختىتىشقا 15 قېتىم خىلاپلىق قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر