باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تارىخىي ئەسلىمىنى ساقلاپ قويۇش

پۇتىن ئۆزىنىڭ سوۋېت كومپارتىيەسى ئەزالىق كېنىشكىسىنى ساقلاپ قويغانلىقىنى ئېيتتى

2016.01.27 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە زوڭتوڭى پۇتىن 25-يانۋار ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى كۈنلىرىنىڭ ئەسلىمىسى بولغان سوۋېت كومپارتىيەسى ئەزالىق كېنىشكىسىنى ھېلىھەم ساقلاپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. خەلقئارا تېلېگرامما ئاگېنتلىقى پۇتىننىڭ بىر قېتىملىق يىغىندا سۆزلىگەن «مەن پارتىيە ئەزاسىلىق كېنىشكەمنى تاشلىۋەتمىدىم، ئۇنى كۆيدۈرىۋەتمىدىم، ئۇنى مەلۇم بىر جايدا ساقلاپ قويدۇم، ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي ئىدىيەسى قەتئىي كوممۇنىزىمچى دېيەلمەيمەن، ئەمما مەن بۇنى ناھايىتى قەدىرلەيمەن» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كونا بىر ئەۋلاد روسىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كومپارتىيە ئەزالىق كېنىشكىسىنى ساقلاپ قويۇش مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا بىرخىل كونىلىقنى ئەسلەش ھېسسىياتى ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، پۇتىن يەنە ئۆزىنىڭ سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى «بەكلا ياخشى كۆرىمەن» دېگەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر