باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىپرۇستا تۇرۇشلۇق تىنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسىمنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

2016.01.29 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 28- يانۋار قارار ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىپرۇستا تۇرۇشلۇق تىنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسىمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يېرىم يىل يەنى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئۇزارتىشنى ھەمدە قىسىمنىڭ ئەسكىرى كۈچىنى 860 كىشىدىن 888 كىشىگە كۆپەيتىشنى قارار قىلدى. قاراردا، سىپرۇستىكى گىرېكلەر بىلەن تۈركلەر رەھبەرلىرى يېتەكچىلىك قىلغان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكى قارشى ئىلىندى، ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش لايىھەسىنى ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىلھام بېرىلدى. ئىككى تەرەپ ئىشىنىش تۇرغۇزۇپ، ھەل قېلىش لايىھەسىنى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلىندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىپرۇستا تۇرۇشلۇق تىنچلىقنى ساقلىغۇچى قىسىمى 1964- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سىپرۇستىكى گىرېكلەر بىلەن تۈركلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنىڭ قايتىدىن پارتلىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر