باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېشىل تەرەققىيات داۋامىدا تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش سىستېمىسى ئورنىتىش زۆرۈر

2016.01.29 14:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى ئىدىيىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكرى»دە، يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئېكولوگىيىنى قوغداش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى ئېچىش زىيادە كۈچلۈك بولۇش، يىرىك ئۇسۇلنى قوللىنىش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش زۆرۈر دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بۇلتۇر ئېلىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇدا 12-يىل مول ھوسۇل ئالدى، لېكىن بۇ-تېرىلغۇ يەر قاتارلىق بايلىقلاردىن بەك كۈچلۈك پايدىلىنىش ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇدا نەچچە يىل نامۇۋاپىق پايدىلىنىش ئارقىلىق، ئېلىمىز تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇلار ئاساسلىقى ئورگانىك ماددا مىقدارى ئازىيىش، تۇپراق كىسلاتالىشىش ھەم ئېغىر مېتال بىلەن بۇلغىنىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم جايلار چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، چوڭقۇر بوشىتىش، ئورگانىك ماددىلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تۆۋەن مەھسۇلاتلىق ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى، بىراق تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەش ئەھۋالى يەنىلا ئۈنۈملۈك توسۇلمىدى.

  مەركەزنىڭ بۇ يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش تولۇقلىما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىنى قوغداش ۋە ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش، باھالاش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، شەرقىي شىمالدىكى قارا چىلان تۇپراقنى قوغداش، ئىشلىتىش سىنىقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. مەركەز نۆۋەتتىكى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى، ئىستېمالى ۋە ئامبار قالدۇقى ھەققىدە، يېزا ئىگىلىك تەمىناتىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش؛ تېرىلغۇ يەرگە نىسبەتەن، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، ئاختارما قىلىش تۈزۈمى سىنىقىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىنى قوغداش، ئۆستۈرۈش جەريانىدا، يەر تېرىغۇچى بولغان دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. نۆۋەتتە يېزا ئىگىلىك تولۇقلىما سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىغا ئىلھام بېرىشكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ، بۇ- دېھقانلاردا يەرگە بەك ئەھمىيەت بېرىش، يەرنى ئاسراشقا سەل قاراش خاھىشىنى ئاسانلا پەيدا قىلىپ قويدى. تولۇقلىما سىياسىتىدە، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىنى قوغداش ھالقىلىرىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش، مەسىلەن، تېرىلغۇ يەرلەرنى مۇنبەتلەشتۈرىدىغان شاخ-شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، ئورگانىك ئوغۇت ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ-تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قۇۋۋىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا پايدىلىق. «خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، تېرىلغۇ يەر ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئاساسى». تېرىلغۇ يەر-ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نېگىزى، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش-دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىنى قوغدايدىغان سىياسەت ۋە تېخنىكا تىرەك سىستېمىسى ھەم ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش-تاماق قاچىمىزنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر