باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ئىقتىسادنى قايتا گۈللەندۈرۈش ۋەزىرى پارا ئېلىش سەتچىلىكى سەۋەبىدىن ئىستىپا بەردى

2016.01.29 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ29 - يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ئىقتىسادنى قايتا گۈللەندۈرۈش ۋەزىرى ئاكىرا ئامارى 28-يانۋار كابېنتتا مۇخبىرلار كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، بىر مىليون ياپونىيە يېنى ( تەخمىنەن 55مىڭ 300 يۈەن خەلق پۇلى) نەق پۇل ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە خىزمىتىدىن ئىېستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن ئۇ پارا ئېلىش ئېغىۋاسىنى ئىنكار قىلدى، ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلغان بىر مىليون ياپونىيە پۇلىنىڭ تاپان ھەققى ئەمەس بەلكى سىياسىي ئىئانە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  ئېلان قىلىنغان دوكىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئاكىرا ئامارى 2013 - يىلى ۋە 2014 – يىلى چىبا ناھىيىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش شىركىتىدىن جەمئىي سانى بىر مىليون ياپونىيە يېنى پايدىسىنى ئالغان، ياپونىيە مەركىزىي شەھەر قايتا گۈللەندۈرۈش ئورگانلىرىدىن ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلىغا ئېرىشىپ بۇ شىركەتكە ياردەم بەرگەن. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ كاتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، ئاكىرا ئامارىغا بەرگەن نەق پۇل ۋە كۈتۈۋېلىش پايدىسى قاتارلىقلاردىكى ساقلىنىپ قالغان دەلىل – ئىسپات قىسىمىلا پەقەت 12 مىليون ياپونىيە يېنىغا يەتكەن. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو سابىق مۇھىت ۋەزىرى ئىشىخارا نوبۇكو ئاكىرا ئامارىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە تەيىنلىدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر