باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەلا مۇلازىمەت، سەمىمىي پوزىتسىيە، گۈزەل ئارزۇ

2016.01.29 13:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى روگې مۇنداق دېگەنىدى: مۇسابىقە مەيدانىدا پىدائىيلار بولمىسا، ھەر قانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پىدائىيلار تارىختىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان چوڭ مۇسابىقىلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇسابىقىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلدى.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقە رايونلىرى ۋە مەيدانلاردا جۇشقۇن روھىي كەپيىياتقا تولغان 1400دىن ئارتۇق پىدائىي ئوخشاش فورمىدا كىيىنىپ، ھەر بىر كىشىگە تەبەسسۇم بىلەن بېقىپ، مۇسابىقىگە ھۆسىن قوشتى. مەيلى تەنھەرىكەتچى، مۇخبىرلار بولسۇن ياكى تاماشىبىنلار بولسۇن، پىدائىيلارنىڭ ئەلا مۇلازىمىتى ۋە سەمىمىي پوزىتسىيەسىگە يۇقىرى باھا بەردى.

  «تۇغۇلغان كۈنۈم ئەھمىيەتلىك ئۆتتى»

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 20 - يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق مۇز تەنھەرىكىتى مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. بۇ كۈن پىدائىي، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈن تاۋ ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى، چۈنكى شۇ كۈنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، سۈن تاۋ بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش رايونىدا تاماشىبنلارنىڭ ئىشىكتىن كىرىشىگە ھەمدەم بولۇۋاتاتتى، سىرتتا قار يېغىۋاتقان بولۇپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇس ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇنچە توڭلاپ كەتسەممۇ، ئىشىكتىن كىرگەن ھەر بىر تاماشىبىننى تەبەسسۇم بىلەن قارشى ئالدىم. تۇغۇلغان كۈنۈم بولغاچقىمىكىن، بۇ خىزمەت ماڭا شۇنچە يېقىملىق تۇيۇلدى.

  سۈن تاۋ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇشۇنداق ئالدىراشچىلىق بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. بىراق قونالغۇسىغا قايتىپ كەلگەندە، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ھاڭ - تاڭ قالدۇردى، چۈنكى ئۇ ياتاققا كىرىشى بىلەنلا ئۈستەلگە تىزىپ قويۇلغان تورتقا شام يېقىلىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتتى. سۈن تاۋ ھاياجانلانغىنىدىن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ دوستلىرىنىڭ: تۇغۇلغان كۈنۈڭنى قانداق ئۆتكۈزدۈڭ؟ دەپ سورىغان سوئالىغا: تۇغۇلغان كۈنۈم ئەھمىيەتلىك ئۆتتى، دەپ جاۋاب بەردى.

  مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولدى. بۇ جياڭسۇدىن كەلگەن سۈن تاۋغا نىسبەتەن چوڭ سىناق ئىدى. بەزىدە تاماشىبىنلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خېلى ئۇزاق ئۆچىرەت بولۇپ كېتەتتى، پىدائىيلار شۇ سوغۇقتا سائەتلەپ سىرتتا تۇرۇپ تەرتىپنى ساقلاپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل بولاتتى.مۇسابىقە باشلانغان تۇنجى كۈنى بالا كۆتۈرۈۋالغان ياش ئەر - خوتۇن مۇسابىقە كۆرۈشكە كەلدى. ئەر - خوتۇن ئۆچىرەت تۇرۇپ بېلەت ئېلىپ بولغىچە چۈش بولۇپ كەتكەنىدى. سۈن تاۋ بىلەن ساۋاقدىشى لى جياچى ئۆزلىرىنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى بۇ ئەر - خوتۇنغا سۇندى. لى جياچى مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا بەك سوغۇق بولغانلىقتىن بالىنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ، ئەتراپتا ئاشخانا يوق ئىدى. قاراپ باقسام، بالىنىڭ قورسىقى بەك ئېچىپ كېتىپتۇ، شۇڭا تامىقىمىزنى ئۇلارغا ئۆتۈنۈپ بەردۇق.

  سۈن تاۋ مۇنداق دېدى: خىزمىتىمىز جاپالىق، سىرتتا كۆپ تۇرغاچقا، پۇت - قولىمىز مۇزلاپ، خېلىغىچە ئەسلىمىزگە كېلەلمەيمىز، لېكىن ئالدىمىزدىن ئۆتكەن كىشىلەر جاپا تارتتىڭلار، دەپ قويسا، باشقىدىن جانلىنىپ كېتىمىز. بىز تېخى ياش تۇرساق، بۇنچىلىك جاپا بىز ئۈچۈن ھېچنېمە ئەمەس!

  ياشانغان پىدائىينىڭ جاسارىتى

  پىدائىيلارنىڭ ئىچىدە ياشلار مۇتلەق كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 63 ياشقا كىرگەن ليۇ جيەنشىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاۋاز قوشتى، ئۇ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ياشانغان پىدائىيلارنىڭ بىرى.

  ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە تىنىم تاپمايدىغان بۇ خىزمەت ليۇ جيەنشىنگە جاپالىق بىلىنمىدى، ئەكسىچە ئۇ بۇ خىزمەتتتىن خۇشاللىق تاپتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەت خاراكتېرلىك كاتتا مۇسابىقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭلىقلار ئۈچۈن خۇشاللىق ۋە ئىپتىخارلىق ئىش، مۇسابىقىدە مۇلازىمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ياقتۇرىدىغان ليۇ جيەنشىن مۇناسىۋەتلىك ساۋاتلاردىنمۇ خەۋەردار ئىدى، شۇڭا ئۇ يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تاماشىبىنلار بەزىبىر مۇسابىقە تۈرلىرىنى چۈشەنمىگەندە چۈشەندۈرۈپ قويىمەن، ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغىنىمنى تىرېنېرلاردىن ئېنىق سوراپ، قايتا چۈشەنچە بېرىمەن.

  گۈزەل ئارزۇ

  جىمىنەي ناھىيەسىىدىن كەلگەن تولۇق 1 - يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاسباناي ئايدىن ھەدىسىنىڭ ياردىمى بىلەن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسدە پىدائىي بولدى. بۇ يىل 16 ياشقا كىرگەن ئاسباناي ئايدىن بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك پىدائىي. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھەر كۈنى تاماق يەيدىغانلارنى تىزىملاشقا مەسئۇل بولۇۋاتىمەن، كىمگە ياردەم كېرەك بولسا، شۇ يەردە پەيدا بولىمەن.ئادەتتە ئۆي ئىشلىرىغا پەقەتلا ئارىلاشمايدىغان ئاسباناي ئايدىن پىدائىيلار ئەترىتىدە ئەڭ ئىشچان كىشىگە ئايلاندى، كىم ئۇنى چاقىرسا، ئۇ ياق دېمەي دەرھال شۇ يەرگە يۈگۈرەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېشىم كىچىك بولغاچقا، كۆپچىلىك ماڭا بەك يول قويىدۇ، كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىشنىڭ يېنىكىنى بېرىدۇ.

  بۇ قېتىم ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى، مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇ نۇرغۇن داڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى ئۇچراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭلىق داڭلىق تېز مۇز تېيىلىش ماھىرلىرى راقىمباي تالابقان ۋە دەستۇر تۇرسۇنخانلار بىلەن سۈرەتكە چۈشتۈم، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن بۇ سۈرەتلەرنى ساۋاقداشلىرىمغا كۆرسىتىمەن.

  ئاخىرىدا ئاسباناي ئايدىن ئۈمىدكە تولغان ھالدا مۇنداق دېدى: 2022 - يىلى بېيجىڭدا قىشلىق ئو ت م ئۆتكۈزۈلگەندە، ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويىدىكەنمەن، شۇ چاغدا چوقۇم بېيجىڭغا بېرىپ پىدائىي بولۇشنى ئىلتىماس قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر