باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىدە ئاشلىق، پاختا ئاساس قىلىنغان تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى يولغا قويدى

بۇ يىل كېۋەز كۆلىمى يەنە 1 مىليون 500 مىڭ مو قىسقارتىلىدۇ

2016.01.29 13:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 25 - يانۋار ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، بۇ يىل ئاشلىق، پاختا قاتارلىق ئاساسلىق ساھەدە تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى زورايتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. پاختىچىلىقتا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇرقى ئاساستا كېۋەز كۆلىمىنى يەنە 1 مىليون 500 مىڭ مو قىسقارتىپ، 23 مىليون مو ئەتراپىغا ئازايتىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلتۇرقى يېزا ئىگىلىك قوشۇلما قىممىتى 159 مىليارد 870 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا يەرلىكنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلغۇ كۆلىمى 35 مىليون 652 مىڭ 500 مو، ئومۇمىي ھوسۇلى 14 مىليون 996 مىڭ 600 توننىغا يېتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا سەككىز يىل ئۇدا ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، پاختىنىڭ ئومۇمىي ھوسۇلى، بىرلىك ھوسۇلى، تاۋار تەقسىملەش مىقدارى ئۇدا 22 يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىۋېلىشنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %84كە يەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ئەكبەر غوپۇر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش، بازار ئېچىشتىكى «تۆت چوڭ ئىقتىدار» قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتنى ساقلاپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى نۇقتىغا يۈزلىنىشىگە، دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاشلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇن زاۋۇتلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بۇغداي ئۇنى ماركىسىنى يارىتىش ئارقىلىق بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاشۇرۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، شاخ - شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، يەرنى چوڭقۇر بوشىتىپ تۈزلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زاپاس ئاشلىق ئامبىرىنى زاپاس ئاشلىق ئېتىزى، زاپاس ئاشلىق تېخنىكىسىغا ئۆزگەرتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ.

  بۇ يىل كېۋەز كۆلىمىنى داۋاملىق قىسقارتىش ئاساسىدا، ئەلا سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا سۈپىتى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىمەسلىكىگە، دۆلەتنىڭ سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسىلىق ئورنىنىڭ تەۋرەنمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر