باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق پەن - تېخنىكا خىزمىتىدە يەتتە جەھەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2016.01.29 13:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا خىزمىتى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى 27 - يانۋار ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق پەن - تېخنىكا خىزمىتىدە يەتتە جەھەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون 2016 - يىللىق پەن - تېخنىكا خىزمىتىدە ئىلگىرى سۈرىدىغان يەتتە جەھەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دۆلەتنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى» قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، شىنجاڭچە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش يېڭى مېخانىزمى، يېڭى ئەندىزىسىنى ئورنىتىش؛ پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش؛ نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق ھەرىكەت قوللىنىدىغان ساھەلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پەن - تېخنىكىدىكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قولمۇ قول يېڭىلىق يارىتىش، قولمۇ قول ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرەك بولۇش؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇلىنى چىڭىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش.

  ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: «12 - بەش يىل» ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ئەڭ تېز، نەتىجىسى ئەڭ كۆپ، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان مەزگىل بولدى. «13 - بەش يىل»دىكى پەن - تېخنىكا خىزمىتىدە ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىكى تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ ئۆزگىرىش ياساپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «13 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر