باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى دەرھال ئۆتكۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.01.29 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 28- يانۋار شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە دەرھال يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلدى. ھوللاندى شۇ كۈنى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىران زۇڭتۇڭى روخانى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ھوللاندى سۆھبەتتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: سۇرىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىك تەدبىرىنى دەرھال يولغا قويۇش، سۇرىيەنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىسى توغرىسىدا دەرھال سۆھبەت ئۆتكۈزۈش كېرەك . ھوللاندى مۇنداق دېدى: سۇرىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە ئىلھام بېرىش، ھەمدە بارلىق ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار سۆھبەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك . بىراق، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بۇ تەشكىلاتلار تېررورلۇقنى رەت قىلىشى كېرەك . ئۇندىن باشقا، ھوللاندى يەنە ئىراننىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن رول ئويناپ، ئىراقنىڭ مىللىي يارىشىشىغا، لىۋاندا بۆلۈنۈش يۇز بېرىشتىن ساقلىنىشقا ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر