- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەھسۇلاتنى ئازايتىپ باھانى ئۆرلىتىش ئۈستىدە مۇزاكىرلەشكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى
2016.01.29 14:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندر نوۋاك 28- يانۋار، رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر بىلەن مەھسۇلاتنى ئازايتىپ، باھانى ئۆرلىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرلەشكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. نوۋاك تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەر 2-ئايدا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر يىغىنىنى ئىچىش تەكلىپىنى بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەر قايسى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ نېفىت مەھسۇلاتنى %5 ئازايتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. گەرچە يىغىن ۋاقتى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق يىغىننىڭ قاچان ئۆتكۈرلىشىدىن قەتئىي نەزەر رۇسىيە قاتنىشىدۇ. كەسپى ئەربابلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب تەمىنات ئېھتىياجدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ جازالىشىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىگە بولغان بېسىمى ئۈزلۈكسىز زورايدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر