باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شۋېتسارىيە 80 مىڭ مۇساپىرنى قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2016.01.29 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى 28-يانۋار، كەلگۈسى نەچچە يىل ئىچىدە، 2015-يىلى شۋېتسارىيەدە پاناھلىق ئىلتېماسى سۇنغان 80 مىڭ مۇساپىرنى قايتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شۋېتسارىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شۇ كۈنى شۋېتسارىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا، ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋە ساقچى تەرەپ بىلەن مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېتىش خىزمىتىنى ھەققىدە تەييارلىقلارنى ياخشى قىلغۇزغانلىقىنى بىلدۈردى، «شۋېتسارىيەدە قالسا بولمايدىغان مۇساپىرلارغا قارىتا، ئالدى بىلەن ئۇلارنى قايتىشقا نەسىھەت قىلىمىز، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مەجبۇرىي قايتۇرىۋېتىش تەييارلىقىنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك»، دېدى.

  شۋېتسارىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى شۋېتسارىيە دۆلەت ئىچىدە پاناھلىق ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى 163 مىڭغا يەتكەن. شۋېتسارىيە باش ۋەزىرى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا، شۋېتسارىيەنىڭ كەڭچىل بولغان مۇساپىرلارنى قۇبۇل قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشقا ماجالى يوقلۇقىنى، كەلگۈسىدە چېگرانى كونترول قىلىشنى يولغا قويۇش ۋە مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش كېنىشكىسى بىلەن ئائىلىدىكىلەر جەم بولۇش ۋىزىسىنى تارقىتىشنى چىڭايتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شۋېتسارىيەگە كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنى ئازايتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر