باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەدىكى 12 شىتاتتا «كولۇن ۋەقەسى» يۈز بەردى

2016.01.26 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە ساقچى تەرەپنىڭ ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، كولۇندىكى يېڭى يىل كېچىسىدىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىك، بۇلاڭچىلىققا ئوخشاش جىنايى ئىشلار قىلمىشلىرى گېرمانىيەنىڭ 12 شىتاتىنىڭ ھەممىسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، گېرمانىيەدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىش بولۇپ قالغان.

  كولۇندىكى يېڭى يىل كېچىسىدە يۈز بەرگەن زور كۆلەملىك جىنايى ئىشلار ۋەقەسى گېرمانىيەنى زىل-زىلىگە سالدى. شۇ كۈنى كەچتە تەخمىنەن مىڭدەك ئەر كولۇن شەھىرىدىكى ئاساسلىق پويىز ئىستانسىسى ئالدىدىكى مەيداندا ھاراق ئىچىپ ئىش چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر كىچىك گۇرۇپپپىلارغا بۆلۈنۈپ، مەخسۇس ئاياللارغا قارىتا قورشىۋېلىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە بۇلاڭچىلىق قىلدى. جىنايەت گۇماندارلىرى ئاساسەن كۆچمەن ياكى قانۇنسىز كۆچمەنلىك ئارقا كۆرۈنۈشى بار كىشىلەر ئىكەن..

  ۋاھالەنكى، كولۇن ئالاھىدە مىسال ئەمەس. گېرمانىيە فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ساقچى ئىشخانىسى گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شىتات ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا تەييارلىغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيەدىكى 12 شىتاتنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىلدىكى ئاممىۋىي سورۇندىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىك، بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.

  شىمالىي رېيىن-ۋېستفليا شىتاتىدىكى مەلۇم قىلىنغان دىلولار ئىچىدە، 693 جىسمانىي زىيانكەشلىك ۋە ئوغرىلىق دىلوسى، 384 جىنسىي پاراكەندىچىلىك دىلوسى ئىكەن.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ساقچى دوكلاتىغا قارىغاندا، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شىمالىي ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر بولۇپ، 17 ياشتىن 30 ياشقىچە ئىكەن.

  گېرمانىيەدە يېقىندا مۇساپىرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامانلىق مەسىلىلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر سىياسىتىنى گېرمانىيەدىكى قىززىق نۇقتا مەسىلىسىگە ئايلاندۇردى. نۇرغۇن جايلاردا چەتئەللىكلەرنى چەتكە قېقىش نامايىشى يۈز بەردى، كولۇن، لېيپىزگ قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم زوراۋانلىق مالىمانچىلىقى يۈز بەردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر