باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ئىران تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جۇڭگو ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتايلى

2016.01.22 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، «ئىران گېزىتى»دە «جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتايلى» تېمىسىدىكى ئىمزالىق ماقالىنى ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتايلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  مەن زۇڭتۇڭ روھانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئىراندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شۇنداقلا مۇھىم خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئىران مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز.

  بۇ مېنىڭ ئىرانغا تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كېلىشىم، لېكىن نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارغا ئوخشاش سىلەرنىڭ قەدىمىي ۋە گۈزەل دۆلىتىڭلار ماڭا ناتونۇش ئەمەس، چۈنكى يىپەك يولى ئىككى ئۇلۇغ مىللەتنى بىر-بىرىگە باغلىغان. تارىخنامىگە يەنە بىر ئېسىل ھېكايە يېزىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى جۇڭگونىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، جۇڭگو ئەلچىسى جاڭ چيەننىڭ ياردەمچىسى ئىرانغا بارغاندا، ئۇلارنىڭ داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. يەتتە ئەسىردىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ تاڭ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، نۇرغۇن ئىرانلىقلار جۇڭگوغا بىلىم ئېلىش، دوختۇرلۇق، سودىگەرلىك قىلىشقا كېلىپ، شىئەن، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلارغىچە بارغان. 13-ئەسىردە، ئىراننىڭ مەشھۇر شائىرى سادى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ قەشقەردىكى ئۇنتۇلماس ساياھىتىنى خاتىرىلىگەن. 15-ئەسىردە، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسىدىكى جېنخې كېمە ئەترىتىنى باشلاپ يەتتە قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلغاندا، ئۈچ قېتىم ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھورمۇز بوغۇزى رايونىغا بارغان.

  جۇڭگونىڭ يىپىكى بىلەن ئىراننىڭ يۇقىرى تېخنىكىسى بىرلىشىپ، پارس يىپەك گىلىمىنى ياراتتى؛ ئىراننىڭ فارفورى بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقىرى تېخنىكىسى بىرلىشىپ، گۈللۈك كۆك فارفورنىڭ نەپىسلىكىنى ياراتتى. جۇڭگونىڭ سىرلانغان ساپال بۇيۇملىرى ۋە قەغەز ياساش، مېتاللورگىيە، باسمىچىلىق، ئوق-دورا قاتارلىق تېخنىكىلىرى ئىراندىن تارقىلىپ ئاسىيانىڭ ئەڭ غەربىگىچە شۇنداقلا ياۋروپا قاتارلىق تېخىمۇ يىراق جايلارغا تارقالدى، ئانار، ئۈزۈم، زەيتۇن ۋە ئەينەك، ئالتۇن-كۈمۈش قازان-قومۇچ قاتارلىقلار ئىران ۋە باشقا ياۋروپا قاتارلىق جايلاردىن جۇڭگوغا كىردى.

  مىڭ نەچچە كىلومېتىرلىق قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئۈستىدىكى يىپەك يولى بويىدا، ئىككى چوڭ مەدەنىيەت قوشۇلۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى سەپەرگە چىقىپ دوستلۇق ئورناتتى.

  تارىختا جۇڭگو-ئىران ئىككى دۆلەتنى يىپەك يولىنى قۇرۇش، شەرق-غەرب مەدەنىيىتىنى قوش يۆنىلىشتە يۇغۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان دېيىلسە، ئۇنداقتا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيانقى دوستلۇق ئالاقىسىنى دەل «تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىشتە كەڭ قورساق بولۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ئۆرنەك ئېلىش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىش»تەك يىپەك يولى روھىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە چۈشەندۈرۈلۈشى دېيىشكە بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر