باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى ج خ تارماقلىرى 2015 - يىللىق تېلېفون، تور ئالدامچىلىقى ئانالىز دوكلاتىنى ئېلان قىلدى

توردا مال سېتىۋېلىش ئالدامچىلىقى ئەڭ كۆپ بولغان

2016.01.26 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتى 2015 - يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرى تېلېفون، تور ئالدامچىلىقى ئانالىز دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى تەرەپ پاش قىلغان ھەرخىل تېلېفون، تور ئالدامچىلىقى دېلوسى 988قېتىم بۇلۇپ، يەككە دېلو چېتىلىدىغان سوممىسى 500مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغىنى 36قېتىمغا يەتكەن، ساقچى دائىرىلىرى قايتۇرىۋالغان زاڭ پۇل ئىككى مىليون 700مىڭ يۈەنگە يەتتى. ھەر خىل ئالدامچىلىق دېلولىرىدا تور ئالدامچىلىقى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، تور ئالدامچىلىقى ئارىسىدا توردا مال سېتىۋېلىش ئالدامچىلىقى ئالدىغا ئۆتكەن.

  ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، يېقىندىن بۇيان تېلېفون، يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى، تور قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ئېلىپ بېرىلغان قانۇنغا خىلاپ تېلېفون، تور يېڭىچە دىلولىرى جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋىپ يەتكۈزدى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور زىيان سالدى . 2015 - يىلى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كۆپ قېتىم قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2015 - يىلى , ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى تەرەپ پاش قىلغان ھەرخىل تېلېفون، تور ئالدامچىلىقى دېلوسى 988قېتىم بۇلۇپ، قايتۇرىۋالغان زاڭ پۇل ئىككى مىليون 700مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  2015-يىلىدىكى ھەرخىل تېلېفون، تور ئالدامچىلىقى دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى جەھەتتىن قارىغاندا، تور ئالدامچىلىقى 1 - ئورۇندا، ئۇنىڭدىن قالسا تېلېفون ئالدامچىلىقى ۋە ئۇچۇر ئالدامچىلىقى ئەڭ كۆپ ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر