باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كىچىك سەھنە ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى

2016.01.27 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى قىلىدۇ) باي ناھىيەسىدىكى ياشلار ئويۇن قويۇش ئارقىلىق كىشىلەرگە خۇشاللىق يەتكۈزۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەسى زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «شىنجاڭچە روھ» نى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنى پائال تارقىتىپ، ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىيەتكە يېتەكلىدى.

  يېقىندا، باي ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازار، كەنتلىرىنى قاپلىغان كەنت مۇلازىمەت پائالىيەت مەركىزى ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلدۇرۇپ، سەنئەتنى قىزغىن سۆيۈپ، ماھارەت كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بەردى.

  ئەلقەم ئەنۋەر باي ناھىيە سايرام بازىرىدىكى دېھقان سەنئەتكار. ئۇ كىچىكىدىنلا ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرەتتى، ناخشا ئېيتىش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تىرىكچىلىك غېمىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى، سايرام بازىرىدا مەدەنىيەت زالى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇ بازارلىق سەنئەت ئەترىتىگە كىرىپ، سەھنىدە ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ ناخشىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىغا خۇشاللىق ۋە تۇرمۇشنىڭ بەختىيارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

  باي ناھىيەسىدە ئەلقەم ئەنۋەرگە ئوخشاش ياشلار بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۇلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناشنى، نومۇر كۆرسىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار كەنت دەرىجىلىك پائالىيەت مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە ئۆزىنىڭ تالانتىنى، ئۆزىنى نامايان قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خۇشاللىق، بەختنى ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە يەتكۈزدى.

  باي ناھىيە سايرام بازىرى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گۈزەلئاي مۇختەر مۇنداق دېدى: «ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشى. ئۇلار ناخشىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلەيدۇ»

  باي ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن بىرلىشىپ، 42مىليون 310مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 157مەدەنىيەت زالىنى يېڭىدىن سالدى ۋە كېڭەيتىپ قۇردى. بۇنىڭ بىلەن مەدەنىيەت زالىنىڭ پۈتۈنلەي قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق، ياشلار مەدەنىيەت زالىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى يارىتىپ، ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ خىل خۇشاللىق، بەخت ۋە ئۆزىدىن رازى بولۇش تۇيغۇسى ئەتراپىدىكى تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر