باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ باۋئەن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان

2016.01.27 14:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ باۋئەن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان.

  ۋاڭ باۋئەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  ۋاڭ باۋئەن، ئەر، خەنزۇ، 1963 - يىلى تۇغۇلغان، خېنەن لۇشەنلىك، 1984-يىلى مارت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن، جۇڭنەن مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەن، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.

  1991 -يىلىدىن 1994-يىلىغىچە مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مىنىستىرى، كاتىبات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كاتىپ، باشقارما باشلىق دەرىجىلىك كاتىپ بولۇپ ئېشلىگەن، 1994 – يىلىدىن 1996-يىلىغىچە دۆلەت باج باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭ ئىدارە باشلىقى كاتىبات ئىشخانىسى باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن ، 1997 -يىلى دۆلەت باج باش ئىدارىسى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 1998-يىلىدىن2000-يىلىغىچە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 2000-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سىياسەت ۋە پىلانلارنى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى بولغان( بۇ مەزگىلدە : 2001-يىلى دېكابىردىن 2003-يىلى فېۋرالغىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ھۆكۈمەت ئۆلكە باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، 2001-يىلى ئىيۇندىن 2004-يىلى نويابرغىچە گوۋۇيۈەن يېزا باج - ھەق ئىسلاھات خىزمەت گۇرۇپپا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى) 2007-يىلىدىن 2009-يىلى دېكابىرغىچە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، 2009-يىلى دېكابىردا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 2012-يىلى فېۋرال مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 2015-يىلى ئاپرېل دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر