باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

نۇرغۇن قىز ئوقۇغۇچىلارغا پەسكەشلىك قىلغان 60ياشلىق ئوقۇتقۇچى 6يىللىق كېسىلدى

2016.01.27 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەسلى تېما: خېنەن يۈجۇدا 60ياشلىق ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن قىز ئوقۇغۇچىلارغا پەسكەشلىك قىلىپ 6يىللىق كېسىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىسى يۈجۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بىر ئوقۇتقۇچىسنىڭ بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش دىلوسىنى قاراپ چىقتى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى دوڭ Xكۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ سىنىپىدىكى قىز ئوقۇغۇچىلارغا پەسكەشلىك قىلغانلىقتىن، بىرىنچى سوتتا مۇددەتلىك 6يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

  سوتنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 60ياشلىق ئەر ئوقۇتقۇچى دوڭ Xيۈجۇ شەھەرلىك مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، 2014-يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم مەكتەپ ئىچىدە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئاسراش گىمناستېكىسى ھەرىكىتىنى توغرىلاش، ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب يادلىشىدىن پايدىلىنىپ، بىر قانچە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەيدە قىسمىنى سىيلىغان. زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دوڭ Xنىڭ كۆپ قېتىم قىزىنىڭ كۆكرەك قىسمىنى سىيلىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغان.

  يۈجۇ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى دىلونى قاراپ چىققاندىن كېيىن، جاۋابكار دوڭ Xبالىلارغا پەسكەشلىك قىلغان، ئۇنىڭ قىلمىشى بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قارىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر