باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاننىڭ ئارمىيە كۈچى ھەققىدە

2016.01.27 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا 26-يانۋار، تەنتەنىلىك پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆگە ئەترىتى ۋە موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ سېرىك ماھارىتىدىن باشقا يەنە ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ كۈچى زادى قانچىلىك؟ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى دېھلىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

  [دۆلەت مۇداپىيە خامچوتى چوڭ دۆلىتى]

  IHSمەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ مۆلچەرىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، ھىندىستان ياپونىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ھەربىي چىقىمى جەھەتتە 4-ئورۇنغا چىقىدىكەن. 2013-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە، ھىندىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قورال سېتىۋالغۇچى دۆلەت بولۇپ كەلدى.

  [قىسىملارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش تەس]

  دۆلەت مۇداپىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قىسىملارنىڭ زامانىۋىيلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مودى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان قەتئىي چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى. ۋاھالەنكى، ئۇلۇغۋار پىلانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىيەسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاستا بولدى، بۇ ئاساسلىقى ھىندىستاننىڭ ھەربىي ئىشلار سانائىتى كەسپىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن، ئىمپورت قىلىنغان قورال-ياراغلارغا تايىنىش دەرىجىسى توختىماي ئېشىۋاتقانلىقىدا ئىپادىلەندى.

  [ئۈچ ئارمىيە تەكشىسىز]

  ھەر يىللىق دۆلەت مۇداپىيە خامچوتى تەقسىماتىدا، ھىندىستاندىكى ئۈچ ئارمىيەنىڭ ئېرىشكىنى تەڭپۇڭسىز بولۇپ، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەت بېرىدىغان نۇقتىسىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى دۇنيادىكى پىيادە ئەسكەرلەر ئەڭ كۆپ قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ بىرى، ھەمدە ھىندىستان دۆلەت مۇداپىيەسىنىڭ سېلىنمىسى ئەڭ كۆپ بولغان ئارمىيە تۈرى. 2015-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، ھىندىستاننىڭ تەخمىنەن %53دۆلەت مۇداپىيە خامچوتى قۇرۇقلۇق ئارمىيەگە بېرىلدى، %23ھاۋا ئارمىيەگە بېرىلدى، %16دېڭىز ئارمىيەسىگە بېرىلدى، دۆلەت مۇداپىيە تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتلىرى %6كە ئېرىشتى، ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئاران %1كە ئېرىشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر