باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

چوڭ ئەندىزە، پۇختا ئورۇنلاشتۇرما، يۈكسەك ئىرادە (دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتى توغرىسىدا)

__ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى بويىچە پۈتۈن دۇنيانى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە

2016.01.26 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەن، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىلى 19-يانۋاردىن 23-يانۋارغىچە سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئىرانلاردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق سەپىرى شى جىنىڭنىڭ 2016-يىلدىكى تۇنجى زىيارىتى، شۇنداقلا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە چىقىپ پۈتۈن دۇنيانى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ئەندىزىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان دىپلوماتىيە يېڭى ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى __ جۇڭگونىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋەت تورى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە قاراپ ئاتلاندى.

  «تېز، پۇختا قەدەم بىلەن مېڭىش.» شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى زىيارەت ئىزناسىدىن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 20 قېتىم زىيارەت قىلىش جەريانىدا 138 كۈن سەرپ قىلىپ، 400 مىڭ كىلومېتىر يول يۈردى، بۇ دۇنيانى 10 نەچچە قېتىم ئايلانغانلىق بىلەن باراۋەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىزناسىنى قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر قايسى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بەس-بەستە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى.

  چوڭ دۆلەت ئاچقۇچ بولۇپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەتراپ مۇناسىۋىتى مۇھىم بولۇپ، «ئاسىيا تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاساس بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش؛ كۆپ تەرەپ مۇھىم سەھنە بولۇپ، كۆپ تەرەپ ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىش كېرەك. جۇڭگو دىپلوماتىيەسى ئاساسىي ئورۇنلاشتۇرما رامكىسىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، سىرتقى دۇنيا مۇناسىۋىتىدە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، ئۇسلۇب، سالاپەتنى نامايان قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئېشىپ كېتىش، ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكا، تارىخ بىلەن رېئاللىق، جۇڭگو بىلەن دۇنيانى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، باشلىنىش، ئورۇنلاشتۇرمىدا مەسئۇلىيەتچانلىق پاراسىتىنى ئىپادىلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر