رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ لېنىنگراد ئوبلاستى ۋولوسوۋو شەھىرىدە 23-يانۋار «لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى» غەلىبىسىنىڭ 72 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. نەچچە يۈزلىگەن رۇسىيە خەلقى ھەربىي فورمىلارنى كىيىپ، تەقلىدىي قوراللارنى كۆتۈرۈشۈپ، لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدىكى سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ گېرمانىيە ئارمىيەسى قامال قىلىۋالغان لىنىيەگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەرنى قايتا نامايان قىلغان.
بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە زور مىقدارىدا قورال، تانكا، ماشىنا، زەمبىرەك قاتارلىقلارغا تەقلىد قىلىنغان بۇيۇملار ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ كەسكىن «تۇتۇشقان»، كۆرۈنۈشلەر تولىمۇ قىزىقارلىق بولغان.
‹‹لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى›› 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئوق مەركىزى دۆلەتلەرنىڭ لېنىنگراد (ھازىرقى ساينت پېتېربۇرگ)نى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتى. 1941-يىلى 4-ئايدا، گېرمانىيە ئارمىيەسى لېنىنگرادنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، لېنىنگرادقا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلغان. سوۋېت ئارمىيەسى 1944-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان. پۈتۈن لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئاچارچىلىق ۋە ھۇجۇمدا قازا قىلغان، پۈتۈن شەھەردىكى 3000دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران بولغان. ھەر يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.