باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ مالىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى

تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات لايىھەسى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات پىلانى، ئورمان ئېكولوگىيەسى بىخەتەرلىك خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىندى

لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2016.01.27 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 26-يانۋار چۈشتىن كېيىن، مەركەزنىڭ مالىيە ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات لايىھەسى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات پىلانى، ئورمان ئېكولوگىيەسى بىخەتەرلىك خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىندى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تۈپ مەقسىتى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش، ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭلىق رولنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇش كېرەك.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: لايىھەنى ياخشى تۈزۈش تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئاساسى. ئىدىيەۋى تونۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئېشىنچا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش، ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭلىق رولنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشىغا، «13-بەش يىل»نىڭ باشلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك. جايلار، تارماقلار ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەتئىي ھەرىكەتكە كېلىپ، چىڭ، ياخشى، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر