باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 316مىليونغا يەتتى

ئەرلەر تاماكا چېكىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرماقتا، يىرىك پىلاندىكى نىشان تېخى تاماملانمىغان

2016.01.27 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ يىل دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ« تاماكا تىزگىنلەش رامكا ئەھدىنامىسى»ئېلىمىزدە كۈچكە ئىگە بولغىنىغا 10 يىل بولدى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى« تاماكا تىزگىنلەش يىرىك پىلانى (2012-2015)» يىرىك پىلاننىڭ ئاخىرقى ۋاقتى. « 2015- يىللىق جۇڭگو تاماكا تىزگىنلەشنى تەكشۈرۈش- ئاۋام نەزىرى» بۈگۈن بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى « پىلان» دا بېكىتىلگەن نىشان تاماملانمىدى. ئەرلەر تاماكا چېكىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرماقتا. تاماكا چەككۈچىلەر ئومۇمىي سانى، تاماكا ئىستېمال مىقدارى يەنىلا كۆپەيمەكتە.

  «پىلان»دىكى نىشان بويىچە، پىلاننى ئورۇنداپ بولغان كۈنىگىچە، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى 2010-يىلىدىكى 28.1%تىن 2015-يىلى 25%تىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ياش - قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئازايغان؛ قۇرامىغا يەتكەن ئاياللار تاماكا چېكىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن ھەمدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. لېكىن« 2015 - يىلى جۇڭگو قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش تەكشۈرۈش دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە: جۇڭگو 15 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى % 27.7 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى % 52.1 بولغان، يەنىلا يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلانغان، تۆۋەنلىمىگەن، ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى % 2.7 ، 2010-يىلى بىلەن تەڭلەشكەن، «پىلان»دا ئوتتۇرىغان قويغان نىشانغا يەتمىگەن . نوپۇسنىڭ ئومۇمىي سانى ئاشقان، تاماكا چەككۈچىلەر ئومۇمىي سانى 15 مىليون كۆپىيىپ، ئومۇمىي ئادەم سانى 316مىليونغا يەتكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر