باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نىلقا ناھىيەسىدىكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنى ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

2016.01.27 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (نىلقا ناھىيەلىك رادىيو ئىستانسىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نەبىجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، سېلىنمىنى يىلسېرى كۆپەيتىپ، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك پاراۋانلىق ئورنىنىڭ يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلىپ بېرىپ، جەمئىيەتتىكى قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنى ئىسسىق ماكانغا ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

  يېقىندا مۇخبىر ناھىيەلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىغا بارغاندا بۇ يەردە ئۈچ قاتار سېلىنغان 40ئېغىزلىق ئۆلچەملىك ياتاق، ئاشخانا، پائالىيەت ئۆيلىرىنىڭ پاكىز ئاقارتىلغانلىقىنى، پائالىيەت ئۆيلىرىدە بولسا ناھىيە تەۋەسىدىكى بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەردىن كەلگەن ياشانغانلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئۇلارنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. پاراۋانلىق ئورنىدا ياخشى كۈتۈنۈشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان 92ياشقا كىرگەن دەي شىخۇا بوۋاي مۇخبىرغا خۇشال ھالدا ئۆزىنىڭ بۇ پاراۋانلىق ئورنىدا تولىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇشتا ھېچنېمىدىن غەم يېمەيدىغانلىقىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن تولىمۇ مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. پاراۋانلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان موماي جاڭ جىخۇي مۇنداق دېدى: بىز بۇ يەردە ئۈچ ۋاق تاماقنى ھەقسىز يەيمىز، خالىغان ۋاقىتتا تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىمىز، ئۆزئارا پىكىرلىشىمىز، ئاغرىپ قالساق مۇلازىملار دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ، ھەر يىلى پاراۋانلىق ئورنى ئىككى قېتىم ناھىيەدىن دوختۇرلار تەكلىپ قىلىپ، سالامەتلىكىمىزنى ھەقسىز تەكشۈرتكۈزىدۇ، بىز بۇ يەردە بەكمۇ بەختلىك، بەكمۇ خاتىرجەم، خۇشال ياشاۋاتىمەن.

  نۆۋەتتە، ناھىيەلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىدا 6ياشتىن 94ياشقىچە بولغان ياشانغانلار 94بولۇپ ئۇلار بۇ يەردە ئاخىرقى ئۆمرىنى بەختلىك ئۆتكۈزمەكتە

  ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلدىن بۇيان بۇ ناھىيە ناھىيەلىك پاراۋانلىق ئورنىغا 10مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، پاراۋانلىق ئورنىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، ھەمدە ھەر بىر ياتاققا تېلېۋىزور، تېلېفون ئورنىتىپ بەردى، ياتاققا ئوكسىگېن سۈمۈرۈش خالتىسى قويۇپ، ياشانغانلارغا ھەر جەھەتتىن قولايلىق يارىتىپ بەردى. ناھىيەلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىنىڭ مەسئۇلى ياڭ ۋىنخۇي مۇنداق دېدى: بىز بۇ يەردە كۈتۈنىۋاتقان ياشانغانلارغا خۇددى ئۇرۇق تۇغقانلىرىمىزدەك كۆرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئىلىۋاتىمىز، ئۇلارمۇ بىزدىن بەكمۇ رازى، بىز بۇندىن كىيىن مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئوقۇشۇمچە، نۆۋەتتە بۇ ناھىيەدە ھازىر ناھىيە دەرىجىلىك ياشانغانلار كۈتۈش مۇلازىمەت ئورنىدىن 8، يېزا دەرىجىلىكتىن پاراۋانلىق مۇلازىمەت ئورنىدىن 4بولۇپ، بۇلتۇر ناھىيە 11مىليون يۈەن مەبلەغ سىلكىپ، ياشانغانلار پاراۋانلىق ئورنىدىن 3نى يېڭىدىن سالدى ۋە كېڭەيتىپ سالدى، نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسلىق گەۋدە قىسمى پۈتتى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا رەسمىي پۈتۈپ ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن. بۇ پاراۋانلىق ئورۇنلىرى پۈتكەندىن كىيىن ناھىيەنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەر ئىسسىق ماكانغا ئىگە بولىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر