باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدىن 129مىڭ دېھقان-چارۋىچى مەنپەئەتلەندى

2016.01.27 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى) ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بويان، يېزىلاردىكى بىخەتەر ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا 129مىڭ دېھقان-چارۋىچىنى پاكىزە، سۈزۈك، قولايلىق سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  بۇ ناھىيە بۇلتۇر 15مىليون 260مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالتە يېزا، بىر بازاردىكى 16كەنتنىڭ سۇ تۇرۇبىلىرىنى يېڭىلاش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. مەركەزنىڭ بىرىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بويان ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، جەمئىي 24سۇ زاۋۇتى، 10سۇ ساقلاش كۆلچىكى ياساپ. 2966كىلومېتىر سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. بىخەتەر سۇنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش نىسبىتى %90كە، ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى %98كە يېتىپ، 129مىڭ دېھقان-چارۋىچى بۇ قۇرۇلۇشتىن بىۋاسىتە نەپ ئالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر