باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا بولغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى

2016.01.27 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-يانۋار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ۋە «<13-بەش يىللىق> يىرىك پىلان پىروگراممىسى(دەسلەپكى لايىھەسى) (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» گە بولغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ دائىرىسى كەڭرى، ئىختىساسلىقلار كۆپ بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى مۇھىم كۈچ. كۆپچىلىكنى سۆھبەتكە چاقىرىش ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى تۈزۈشنىڭ مۇھىم تەرتىپى، بۇ ئەقىل-پاراسەت ۋە ئورتاق تونۇشنى توپلاشقا پايدىلىق. كۆپچىلىكنىڭ بەھۇزۇر سۆزلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆپچىلىك سۆزلىشىش جەريانىدا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۇنيا ئىقتىسادى پەس كويغا چۈشۈپ قالغان، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت گەۋدىلەنگەن مۈشكۈل خىرىس ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، بىر يىللىق نىشان، ۋەزىپىلەرنى تاماملاپلا قالماستىن يەنە، «12-بەش يىل»لىق پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. كۆپچىلىك يەنە يېڭى تەرەققىيات ئۇقۇمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىشتۈرۈش، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى زورايتىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات توغرىسىدا تەكلىپ پىكىر بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر