باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش، مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش كېرەك

جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2016.01.26 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-يانۋار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش، مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى يەنىمۇ يەڭگىللىتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى دوكلات بەردى، بېيجىڭ، لياۋنىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، خېنەن، خۇنەن، گۇاڭشى-جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، يۈننەن، شەنشى قاتارلىق 11 ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چېتىلىدىغان دائىرىسى كەڭ، ئەھمىيىتى زور، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى مالىيە باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش، دەسلەپكى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا پائال ئۈنۈمگە ئېرىشتى، بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى يەنىمۇ كۆرۈنەرلىك يەڭگىللىتىش كېرەك، بۇ مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولۇپمۇ پەن-تېخنىكا قاتارلىق يۇقىرى قاتلام مۇلازىمەت كەسپى، كەسىپنى ئىلگىرىلىتىپ ئىستېمالنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتىشتۈرۈش، تەمىنات جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تەلىپى بويىچە، مالىيە باج تۈزۈلمىسى ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر