باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاراقاش ناھىيەسىدە «ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈزۈمى» قاتتىق ئىجرا قىلىنىپ، 30مىليون 990مىڭ يۈەن چىقىم تېجەپ قېلىندى

2016.01.27 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (قاراقاش ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇجېلىل ئابدۇللا خەۋىرى) قاراقاش ناھىيەسى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش خىزمىتىنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتۇپ، تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ دەل جايىدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇ ناھىيە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈزۈملىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشىنى يولغا قۇيۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى»، «قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشتىكى زور سوممىلىق تۈرلەرگە خېرىدار بولۇشنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى»، «قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى» قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈر تۇرغۇزۇشتىن باشلاپ، كونكرېت ئىجرا قىلىشقىچە بولغان ھەربىر ھالقىنى چىڭ تۇتتى. ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش مۇندەرىجىسى، خېرىدارلارنى باھالاش تەرتىپى، باھالاش ئۇسۇلى، توختام ئىمزالاش، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىر تۇتاش سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، يەڭ ئىچىدە سودا قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى قەتئىي چەكلەپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ماللارنى سېتىۋالغان، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، سودا پارىخورلۇقى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ بىرتەرەپ قىلىپ، ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مال سېتىۋېلىش قىلمىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. نەتىجىدە بۇلتۇر بۇ ناھىيە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش تۈرىدىن 107نى يولغا قۇيۇپ، 235مىليون 700مىڭ يۈەنلىك نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ، پىلاندىكىدىن 30مىليون 990مىڭ يۈەن مەبلەغنى تېجەپ قالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر