باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قېزىش؛ پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلىش تەدبىرى بېكىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2016.01.25 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 22-يانۋار گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قېزىش؛ پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلىش تەدبىرى بېكىتىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شەھەرلەشتۈرۈش جۇڭگو تەرەققىياتىدىكى ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچ. دۆلەتنىڭ يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەرلەرگە كىرىشىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى شۇنداقلا ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش ۋە ئىستېمالنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، شەھەر-يېزا، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ نوپۇسقا ئالدۇرۇش شەرتلىرىنى قويۇۋېتىپ، شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە كوللېكتىپ دارامەتنى تەقسىملەش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە ھەقلىق چېكىنىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئاز ساندىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەردىن باشقا جايلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر، تېخنىك ئىشچىلار، چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتقان خادىملارنى نوپۇسقا ئېلىش چەكلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىشى كېرەك. گوۋۇيۈەن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامىنى تارقاتتى، جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەپسىلىي قائىدە تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلگىرىكى ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىدىن پەرقلەندۈرۈپ، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنىڭ شەھەرلەردە تېخى ئولتۇراقلاشمىغان دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسلارنى قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جاينىڭ مەجبۇرىي مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، قانۇن ياردىمى قاتارلىق ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن بالدۇرراق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، شەھەر، بازارلاردىكى كەپە ئۆي رايونلىرى ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىپ پۇل بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەپە ئۆي رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش سىياسىتىنى قوللاش دائىرىسىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇقتىلىق بازارلارغىچە كېڭەيتىش كېرەك. ئىجازەتلىك كىرىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى قاتناش، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. «ئالاقە تورى +»دىن پايدىلىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتى ۋە جامائەت ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتا دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نوپۇسى 100 مىڭدىن ئاشىدىغان ئالاھىدە چوڭ بازارلارغا قىسمەن ناھىيە دەرىجىلىك باشقۇرۇش ھوقۇق چەكلىمىسى بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاھىدە شەھەر تەرەققىياتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچى، يەر، شەھەرلەردىكى ئولتۇراق ئۆي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ مالىيە مەبلىغى ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالىدىن پايدىلىنىپ شەھەر، بازارلاشتۇرۇش تەرەققىيات فوندى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. مالىيەدىن يۆتكىمە چىقىم قىلىش، شەھەر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەر كۆلىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى شەھەرلەشتۈرۈشنى باغلاپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى ئالاقىدار مەبلەغنى يۆتكەلمە ئاھالىسى بىر قەدەر كۆپ شەھەرلەرگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك. «يېڭى شەھەر ئاھالىسى»نىڭ «يېڭى شەھەر، بازار»غا تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر