باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى

2015 -يىلى مېتېئورولوگىيىلىك كۆزىتىش خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق يىل بولدى

2016.01.27 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى 25-يانۋار ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال ھاۋا رايى سانلىق مەلۇماتىدا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: كۈچلۈك ئېل نىنو ۋە ئىنسانلار پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىش تەسىرىدە، 2015-يىلى يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى بارلىق بۇرۇنقى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مېتېئورولوگىيىلىك كۆزىتىش خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق بىر يىل بولغان.

  بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2015-يىلى يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تۇنجى قېتىم سانائەتلىشىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيىدىن تەخمىنەن 1 سېلسىيە گرادۇس يۇقۇرى بولغان. 2015-يىلى 12-ئاي، كىلىمات ئۆزگىرىشى پارىژ يىغىنىدا« پارىژ كېلىشىمى»ئارقىلىق پۈتۈن يەر شارى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى سانائەتلەشتۈرۈشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەدىن ئۆرلەش نىسبىتىنى ئىككى سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىشىنى، ھەمدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەش كۆلىمىنى 1.5 سېلسىيە گرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر پۈتكۈل يەرشارىدىكى تېمپېراتۇرا سانائەتلىشىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەدىن ئىككى سېلسىيە گىرادۇس ئۆرلىسە، كىلىمات ئۆزگىرىشى خەتەرلىك ھەم قايتماس باسقۇچقا يىتىدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر