باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۈلۈك كومىتېتى: چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلايمىز

2016.01.27 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-يانۋار، گوۋۇيۈەن دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈكلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى (تۆۋەندە «دۆلەت مۈلۈك كومىتېتى» دەپ قىسقارتىلىدۇ)دىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى مۇرەككەپ، دۆلەت مۈلۈك كومىتېتى چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلايدىغان بولۇپ، پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى سورىماي، قولىنى تارتمىغان مەسىلىسى ئېغىر، ئاممىنىڭ پىكرى كۈچلۈك بولغان، ھازىر مۇھىم ئورۇندا بولغان ھەمدە ئۆستۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن بولغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  دۆلەت مۈلۈك كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ يى يېقىندا ئېچىلغان مەركەز كارخانىلىرى پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يىغىنىدا، مەركەز كارخانىلىرىغا بولغان تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئاساسلىقى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى ئاجىزلاش، ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيىتى يوقىلىش؛ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە بوشىشىش؛ پارتىيە نىزامى تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلىي پىرىنسىپنىڭ نەزەرگە ئالماسلىق؛ پاكلىك ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىجارىخورلۇق چىرىكلىشىشى ئېغىر بولۇش؛ «تۆت ئىستىل»نى چەكلەپ تۈگىتەلمەسلىك، ئىستىلغا قارشى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى كۆپ قېتىم سادىر بولۇش؛ خادىم ئىشلىتىشتە چىرىكلىشىش ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىقلار، دەپ كۆرسەتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر