باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«12-بەش يىل»دا كۇچا ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بەخت-سائادەتكە چۆمدى

2016.01.27 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسى «خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى» نى ئۇدا بەش يىل يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر يىلى ئاممىۋىي مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بەخت-سائادەتكە چۆمۈلدۈردى .

  بۇ ناھىيە بۇ بەش يىلدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 10838يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %13.7ئاشۇرۇپ، 2010-يىلىدىكىدىن 1.9ھەسسە، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئىلىكىدىكى كىرىمىنى 23749يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %11.13ئاشۇرۇپ، 2010-يىلىدىكىدىن 1.7ھەسسە كۆپەيتتى .

  «تۈمەن ياشنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنى 40مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى 146مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن كۆپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 89مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن كۆپرەك كەسپىي ماھارەت بۇيىچە تەربىيەلىدى، «ساپا مائارىپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى» نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يەسلى ئوقۇتۇشىدا ئىككى يىللىق «قوش تىل» مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتىنى %75تىن %91.5كە ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى «قوش تىل» مائارىپىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى %75تىن %91.2كە كۆتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى %74تىن %83كە ئۆستۈردى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى، شەھەر-بازارلاردىكى كاپالەت خاراكتېرلىك ئولتۇراق ئۆيلەردىن جەمئىي 42237يۈرۈش سېلىپ، 378مىڭ ئادەمنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ، 59مىڭ ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بەخت-سائادەتكە چۆمۈلدۈردى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر