باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>ليۇ يۈنشەن

ليۇ يۈنشەن ئاتاقلىق پەن-تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنى يوقلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە چاغانلىق تىلىكىنى بىلدۈردى

2016.01.27 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن 25-يانۋاردىن 26-يانۋارغىچە، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» تۆھپىكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چېڭ كەيجيا، رېن شىنمېن، ۋاڭ شىجى ۋە نوبېل فىزىيولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكە تۇ يوۋيوۋلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۇلارنى يوقلىدى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە چاغانلىق تىلەك بىلدۈردى.

  ليۇ يۈنشەن چېڭ كەيجيانى يوقلاپ بارغاندا، ئۇنىڭ ئېلىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا قوشقان كارامەت تۆھپىلىرىنى ماختاپ:« <ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ> ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەنلەر دۆلەتنىڭ تۆھپىكارلىرى، مىللەتنىڭ پەخرى، پارتىيە ۋە خەلق ئۇلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ» دېدى. چېڭ كەيجيا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، دۇنيا پەن-تېخنىكا رىقابەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغىنىدا، ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشتا، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تايانچلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر