باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن يېڭى ئايرودۇرۇمىدا 8 - ئايدا قاتناش باشلىنىش مۆلچەرلەندى

2016.01.26 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىگىلىنىشچە، چەرچەن ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، تۇنجى قاتناش باشلاش ۋاقتى 2016-يىلى 8-ئايغا توغرا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. چەرچەن يېڭى ئايرودۇرۇمىنىڭ ئوڭۇشلۇق قاتناش باشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 15-يانۋار، چەرچەن يېڭى ئايرودۇرۇمى قاتناش باشلاشدىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى ماسلاشتۇرۇش يىغىنى كورلا شەھىرىدە ئېچىلدى، يىغىندا قاتناش باشلاشدىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەمدە چەرچەن يېڭى ئايرۇدۇرومىدا قاتناش باشلاش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.

  بۇ قېتىمقى ماسلاشتۇرۇش يىغىنىدا، كورلا(چەرچەن) ئايرودۇرۇمى بىلەن چەرچەن ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈپش قۇرۇلۇشى قوماندانلىق شىتابى چەرچەن يېڭى ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى، بوشلۇقتا كونترول قىلىش ئۈسكۈنىلىرى، ئالاھىدە ئاپتوموبىل، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. چەرچەن يېڭى ئايرودۇرۇمىدا 2016-يىلى 8-ئايدا ئوڭۇشلۇق قاتناش باشلىنىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىندى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر