باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرەيلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2016.01.26 17:43   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرەيلى

  دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېزا خىزمىتى يىغىنى 25 – يانۋار ئېچىلدى. يىغىندا، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ۋە 2015 – يىللىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىنى يەكۈنلەپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ۋە 2016 – يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ يېڭى دەۋردە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان يەتتە جەھەتتىكى ئېنىق تەلىپىنى ياخشى ئورۇنداپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  يەتتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەت: ‹‹كەمتۈك››لۈك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش جەھەتتىكى ‹‹كەمتۈك›› لۈكنى تېزدىن تولۇقلاش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ دېھقانلار كىرىمىنىڭ سىجىل، تېز ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق››تا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شەھەر – يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ يېزا ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىن ئىبارەت.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلى ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئالتۇن مەزگىل، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز، يېزىلاردا خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەڭ كۆرۈنەرلىك، دېھقانلار ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن مەزگىل بولدى. 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىياتىنى يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈش كېرەك. 2020 – يىلىغا بارغاندا، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، يېزىلاردا ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ ياكى شۇنىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقى ئۈزلۈكسىز كىچىكلىتىلىدۇ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامراتلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقى چۆرۈپ تاشلىنىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ھەل قىلىنىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل كۆپەيتىشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، مەۋقەنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىقنى بىرلەشتۈرۈشكە قارىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى، كەسىپ سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، 1 –، 2 – ۋە 3 – كەسىپنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەر زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممىتىنى ئاشۇرۇشتا يېزىلاردىكى ئىچكى جەھەتتە كىرىمنى ئاشۇرىدىغان يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ چىقىش؛ دېھقانلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانچىلىقتىن باشقا كىرىمنى كۆپەيتىش يوللىرىنى كۆپ تەرەپتىن ئېچىش؛ يېزا ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانلارنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك كىرىمى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك يۆتكەلمە كىرىمىنى سىجىل كۆپەيتىش؛ يېزىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، گۈزەل يېزا – قىشلاق قۇرۇپ، شەھەر، يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2016 – يىلى 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان تۇنجى يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى چۆرىدەپ، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى ياخشى تۇتۇش؛ 1 –، 2 – ۋە 3 – كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئوبوروت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تىجارەت قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىجارەت سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزىلارنىڭ مۇھىم ئامىل بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز جانلاندۇرۇش؛ يېزىلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت دەرىجىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر