باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى 439 يۈەنگە يەتتى

ھەر مىڭ نەپەر ياشانغان كىشىگە 30.3 كۈتۈنۈش كارىۋىتى توغرا كېلىدۇ

2016.01.26 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىلقى بىرىنچى پەسىلە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 25-يانۋار ئېچىلدى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى پىلان - مالىيە مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى فېڭ ياپىڭ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېن بىڭلياڭ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى چېن رى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، 2015 - يىل، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى داۋاملىق ياخشىلانغان. 11-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە شەھەر، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئۆلچىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 439 يۈەن، 255 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 9.5%، 14.7% كۆپەيگەن. ئايلىق ئوتتۇرىچە ياردەم بېرىش سەۋىيەسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 298 يۈەن، 139 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % % 12 ، % 15.8 كۆپەيگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەملىكەت بويىچە 4550 ئادەم قېتىم داۋالاپ- قۇتقۇزۇشنى يولغا قويغان؛ ۋاقىتلىق ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئائىلە قېتىم سانى 4مىليون 427مىڭغا يەتكەن . بەش قېتىم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋە 20 قېتىم جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش سىگنالىنى چىقارغان، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قېتىم سانى 6مىليون 372مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

  « 12-بەش يىل» ئاساسلىقى پىلان كۆرسەتكۈچىدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كارىۋات سانى 6مىليون 698مىڭغا يەتكەن، ھەر مىڭ نەپەر ياشانغان كىشىگە توغرا كېلىدىغان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كارىۋات سانى 30.3 كە يېتىپ، 2010 - يىلدىكىدىن 70.3% ئۆسكەن، كۈتۈنۈش كارىۋىتى %30كە يىتىش يىرىك پىلان نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

  فېڭ ياپىڭ مۇنداق دېدى: « 12 - بەش يىل» مەزگىلىدە، داۋاملىق كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىلدى، پەقەت مەركەز خامچوتىدىنلا 10مىليارد 800مىليون يۈەن ئاجىرتىلدى، ھەر دەرىجىلىك لاتارىيە جامائەت پاراۋانلىق فوندى سېلىنمىسى 28مىليارد 500مىليون يۈەنگە يەتتى. ئائىلىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى پائال قانات يايدۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە مەھەللە كۈندۈزلۈك كۈتۈنۈش كارىۋىتىنىڭ سانى 2مىليون 784مىڭغا يېتىپ، 2010-يىلىنىڭ 48 ھەسسىگە توغرا كەلدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر