ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى روب ۋاينۋرايت (سولدا)، گوللاندىيە بىخەتەرلىك ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاندېر ستۇئارت (ئوتتۇرىدا) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى كۆچمەنلەر ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى دىمىترىس ئاۋراموپولوس ياۋروپا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
25-يانۋار، گوللاندىيەنىڭ ئامېستېردامدا ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ياۋروپا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى روب ۋاينۋرايت (سولدا)، گوللاندىيە بىخەتەرلىك ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاندېر ستۇئارت (ئوتتۇرىدا) ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى كۆچمەنلەر ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى دىمىترىس ئاۋراموپولوس ياۋروپا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ مەركەز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ‹‹غازات›› ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىش، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش، ئىنتېرنېتتا قۇترىتىش قىلمىشلىرى ۋە قورال ئەتكەسچىلىكى قاتارلىقلارغا زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاخباراتلاردىن تەڭ بەھرلىنىش ۋە ھەرىكەتتە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.