باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى - مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى: بۇلتۇر 5400دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا« ئۆزىنى مەلۇم قىلدى»

2016.01.26 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تۈنۈگۈن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى - مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى تارقاتتى ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« دوكلات» دېيىلىدۇ).

  دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن يىلى، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 20مىڭ پارتىيەلىك كادىرغا پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلدى ۋە تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشىدى، 82مىڭ پارتىيەلىك كادىرغا پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلدى ۋە ۋەزىپىسى تەڭشەلدى. 5400 دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇردى. دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل ئۆلكە، رايون، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەز ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا دوكلات قىلغان يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تەكشۈرۈش ئەھۋالى چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، چوڭ - چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدا بايقاشقا تېگىشلىكنى بايقىمىغانلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىق بولىدۇ، سېزىلگەن مەسىلىنى دوكلات قىلمىغان، بىر تەرەپ قىلمىغانلارنى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى دەپ قاراپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك . (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر