باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-نومۇرلۇق ھۆججەتتە يېزا ئىگىلىكنىڭ تەمىنات جەھەتتىكى ئىسلاھاتىغا ئەھمىيەت بېرىلدى

2016.01.29 14:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدىلا ئېلان قىلىنغان «يېڭى ئىدىيىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە، تەرەققىيات يېڭى ئىدىيىسى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلارنىڭ يېڭى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك تەمىناتىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېزا ئىگىلىك تەمىناتىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش-ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەڭشەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى ئىسلاھ قىلىشقا چېتىلىدۇ، نۆۋەتتە قۇرۇلمىنى تەڭشەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ يۇغۇرۇش، تەننەرخنى ئازايتىش، ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت ئالتە نۇقتىلىق ۋەزىپىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  قۇرۇلمىنى تەڭشەش-يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سورت، تۈر قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، چوڭ يېزا ئىگىلىكى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تاغ-دەريا، ئورمان-ئوتلاقلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ، ئاشلىق، يەم خەشەكنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، بېلىق، مېۋە-چىۋە، كۆكتات، چاي قاتارلىقلارنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازاردىكى جىددىي قىس بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىپ، ئىستېمالچىلارنى تۈرى كۆپ خىل مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى كۆرسىتىدۇ.

  سۈپەتنى ئۆستۈرۈش-يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك سەۋىيىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، ماركىلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، داڭلىق ماركا يېتىشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

  تېخىمۇ يۇغۇرۇش-يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوبوروت قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىك ئارام ساياھىتىنى يۇغۇرۇلما تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى يېڭى كەسىپ، يېڭى تەرەققىيات ھالىتىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، جەمئىيەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە بولغان كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

  ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىش-ئامباردا بېسىلىپ قالغان بەزى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېزدىن ئىستېمال قىلىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن زىيادە ئامبار قالدۇقىنى ئازايتىپ، ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئىشلەپچىقىرىشىنى پائال قوللاش، بولۇپمۇ كۆممىقوناقنىڭ ئامبار قالدۇقىنى تېزدىن ئازايتىپ، ئاشلىق كونىراش سەۋەبىدىن تارتىدىغان زىياننى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ.

  تەننەرخنى ئازايتىش-يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەننەرخىنى تېرىشىپ ئازايتىپ، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خىمىيىۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئازايتىش، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

  يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش-يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئاجىز ھالقىلارنى تېرىشىپ ھەل قىلىپ، ھەم يېزا ئىگىلىكنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاپ، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ ماددىي تېخنىكا-جابدۇق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش؛ ھەم يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاپ، يېزا ئىگىلىك بايلىقىنى قوغداش ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تاغ-دەريا، ئورمانلىق، ئېتىزلىق، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئوڭشاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ مەنبەلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر