خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى) ياش شائىر، دىنىي زات ھاجى ئابدۇغوپۇر شېرىپنىڭ «بىر تامچە مىھىر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى يېقىندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىندى.
ئاپتۇرنىڭ بۇ توپلىمىغا يېقىندا يازغان 113پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. ئاپتۇرنىڭ بۇ شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل، مەزمۇنى چوڭقۇر، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، يېقىشلىق ۋە جەزىبدار.
ياش شائىر، دىنىي زات ھاجى ئابدۇغوپۇر شېرىپنىڭ «بىر تامچە مېھىر» ناملىق بۇ شېئىرلار توپلىمى ئۇنىڭ 2014-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان «قەشقەر بالىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن كىيىن خەلقىمىزگە سۇنغان يەنە بىر دەستە خۇشپۇراق گۈلىدۇر. بىز شائىرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمىز.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى