باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: دوختۇرخانا خىزمەتچىلىرى نومۇر ھايانكەشلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ئەخۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

2016.01.28 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندىن بۇيان، «ئايال نومۇر ھايانكەشلىرى قاتتىق ئەيىبلەنگەن» كۆرۈنمە چاستوتا تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 26 –يانۋار، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، نومۇر ھايانكەشلىرى نومۇر ئېلىپ-سېتىش مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغان. 27-يانۋار، نومۇر ھايانكەشلىرى مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان جامائەت پىكرىگە دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تۇنجى قېتىم ئىنكاس قايتۇردى.

  دۆلەت سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماۋ چۈنئەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بېيجىڭ سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشكە بۇيرۇدى، بىرىنچىدىن، دوختۇرخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ نومۇر ھايانكەشلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى قاتتىق تەكشۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، سەھىيە تارماقلىرى ۋە دوختۇرخانا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا يېقىندىن ماسلىشىپ نومۇر ھايانكەشلىرىگە زەربە بېرىش؛ ئۈچىنچىدىن، كۆپچىلىكنى ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرش، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نومۇر ھايانكەشلىرى بىلەن سودىلاشماسلىق.

  26-يانۋار، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ «ئايال نومۇر ھايانكەشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەش» ۋەقەسى يۈز بەرگەن بېيجىڭ شەھەرلىك گۇاڭئەنمېن دوختۇرخانىسى، بۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭ شەھىرىدىكى داڭلىق ئىككى ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ بايقىشىچە، بۇ دوختۇرخانىدا ھېلىمۇ نومۇر ھايانكەشلىرى بار ئىكەن، ئۇلار يەنە« بېيجىڭدىكى 3 A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا بارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نومۇرىنى سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى» ئېيتتى، ھەتتا ئامانلىق خادىملىرىمۇ نومۇر ھايانكەشلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلەپ بىرەلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، نومۇر ھايانكەشلىرى گۇاڭئەنمېىن دوختۇرخانىسىنىڭ 500 يۈەنلىك مۇتەخەسسىسلەر نومۇرىنى 3000 يۈەنگە ساتقان ئىكەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر