باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىلى شىنجاڭدىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا ئالدىن تۆلەش تۈزۈمى ئارقىلىق ھەق تۆلەپ دوختۇرخانىدىن چىققان بىمار %50 تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك

2016.01.28 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:« 2016- يىلى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئالدىن تۆلەش تۈزۈمى بويىچە ھەق تۆلەپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى پىرىنسىپ جەھەتتە % 50 تىن تۆۋەن بولماسلىق، ئاپتونوم رايوننىڭ %70 جايلىرىدا دەرىجىگە ئايرىپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يولغا قويۇلىدۇ» ... 26-يانۋار، 2016 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى يىغىنى شىنجاڭ ئالىي مېھمانخانىسىدا ئېچىلغاندا پايدىلىق خۇشخەۋەر ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015 – يىلى بىمارلارنىڭ داۋالىنىشى قىممەت بولۇش توغرىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون داۋالاش سۇغۇرتىسى ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، بۇرۇنقى تۈرلەر بويىچە ھەق تۆلەشتىكى كېيىن تۆلەش تۈزۈمى ئۆزگەرتىلىپ ئومۇمىي سوممىسى بويىچە ئالدىن تۆلەش، كېسەل تۈرلىرى بويىچە ھەق تۆلەشنى ئاساس قىلىپ، ئادەم بېشىغا قاراپ ھەق تۆلەش، كارىۋات بويىچە ھەق تۆلەش قاتارلىق بىرىكمە تىپلىق ھەق تۆلەيدىغان ئالدىن بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئالدىن تۆلەش تۈزۈمى بىز ئادەتتە دەيدىغان« ئاۋۋال كېسەل كۆرسىتىپ كېيىن ھەق تۆلەش» تىن ئىبارەت. 2016– يىلى، ئەسلىدىكى ئالدىن تۆلەش تۈزۈمى داۋالاش سۇغۇرتىسى ئۇسۇلى ئىسلاھاتى يەنىمۇ تېزلىتىپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا ئالدىن تۆلەش تۈزۈمى بويىچە ھەق تۆلەپ دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان بىمارنىڭ سانى پىرىنسىپ جەھەتتە % 50 تىن تۆۋەن بولمايدۇ. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر