باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ يى: جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق ھەم مۇستەھكەم

2016.01.28 12:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-يانۋار، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، دۆلىتىمىزنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى شەرھلىدى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە جۇڭگونىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئوچۇق-يورۇق، قەتئىي، ۋاقىتلىق ئىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، خۇشاللىق ۋە قايغۇ بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ مەيدانى ئۈچتە چىڭ تۇرۇش، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچ-مۇقىملىقىدا چىڭ تۇرۇش، سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ ئۈچ ماددا بىر - بىرىگە باغلانغان، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى نىشان قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، بولمىسا، يېرىم ئارال، ھەتتا بۇ رايوننىڭ تىنچ بولۇشى تەس. يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پەقەت سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش يولىدا مېڭىشقىلا بولىدۇ، جازالاش مەقسەت ئەمەس، مەسىلىنى ھەل قىلىش ‐‐ ئاچقۇچتۇر.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر