باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مۇردا ھېسابات نومۇرى» روھسىز بولۇش، «ئەمەلدارلىق تەلەپپۇزى ھېسابات نومۇرى» مەمەدان بولۇش، «ۋەزىپىكەش ھېسابات نومۇرى» قول ئۇچىدىلا ئىشلەش

ھۆكۈمەت ئىشلىرى مىكرو بىلوگلىرى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ چوڭ ئاجىز ھالقا

2016.01.28 12:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنلاڭ مىكرو بىلوگ سۇپىسىدا گۇۋاھلىق بېرىلگەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مىكروبىلوگى 152 مىڭغا، يىللىق تارقىتىش مىقدارى 250 مىليونغا، كۆرۈلۈش مىقدارى 111 مىليارد 700 مىليون قېتىمغا يەتكەن.

  ئالدىنقى كۈنى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن «2016 ھۆكۈمەت ئىشلىرى V تەسىر كۈچى باشلىقلار يىغىنى»دا ، «خەلق گېزىتى» يېڭى تاراتقۇ مەركىزى، خەلق تورى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ۋە شىنلاڭ مىكرو بىلوگى بىلەن بىرلىكتە «2015-يىللىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى كۆرسەتكۈچى مىكرو بىلوگ تەسىر كۈچى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مىكرو بىلوگى نۇرغۇن تارماقلار ۋە جايلاردىكى ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمىسى» بولۇپ قالغان، بىر قەدەر يۇقىرى بولغان جانلىقلىق ۋە كەڭ تەسىر كۈچىنى ساقلاپ، ئالاقە تورى جامائەت پىكرى مەيدانىغا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ ئېلىپ كەلگەن.

  ھۆكۈمەت ئىشلىرى مىكرو بىلوگىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇش بىلەن تارقىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى پەرقلىق بولدى. دائىم يېڭىلانمايدىغان «مۇردا ھېسابات نومۇرلىرى»، ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدىغان «ئەمەلدارلىق تەلەپپۇزى ھېسابات نومۇرلىرى»، مەسئۇلىيەتسىز « ۋەزىپىكەش ھېسابات نومۇرلىرى» تورداشلار قارشى ئالمايدىغان ئۈچ چوڭ ئاجىز ھالقا بولۇپ قالدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر