خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوماققىنە بىر قىزچاق 8 ياشتىلا داڭلىق مودىلغا ئايلىپنىپ، 150تىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە ئېلانى ۋە تەشۋىقات فىلىمى ئىشلىدى. 8 ياشلىق جېسسىكا فەي ئېنگىلاندنىڭ لەنكاشىر ۋىلايىتىدىن بولۇپ، 15 ئايلىق بولغاندا مېڭە پوستلاق ياللۇغى دەپ دېئاگنوز قويۇلغان. شۇ چاغدا دوختۇر ئۇنى ئاران نەچچە سائەتلىك ئۆمرى قالدى، دەپ مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، بۇ قىزچاق قەيسەرلىك بىلەن ھايات قالغان. بىراق بۇ كېسەللىك بىلەن ئۇنىڭ ئەقىل-ئىدراكى ئېغىر دەرىجىدە يوقالغان. 29 ياشلىق ئانىسى لاۋرا بېللى ھەرخىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ھىچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. جېسسىكا 2 ياشقا كىرگەندە، ئۇنى كۈلدۈرىدىغان بىردىن بىر ئامال ئۇنى سۆرەتكە تارتىپ قويۇش بولغان. كۈتۈلمىگەندە، ھازىر ئۇ سۆرەتكە چۈشۈشكە تايىنىپ بىر كىشىلىك ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى