باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلىدىكى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى ئون چوڭ خەۋەر

2016.01.28 12:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىل 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى «2015-يىلىدىكى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى ئون چوڭ خەۋەر»نى ئېلان قىلدى. تەۋسىيە قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىيەت-تەشۋىقات مەھكىمىسى، جامائەت پىكرى مەركىزى ئۈستىگە ئالغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ژۇرنىلى نەشرىياتى، جۇڭگو مىللەتلەر گېزىتخانىسى، مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى نەشرىياتى ئورتاق ھەمكارلاشقان، مەركەزدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار كەسپىي تارماقلىرى، شۇنىڭدەك ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن.

  (ئاخبارات ۋەقەلىكى يۈز بەرگەن ۋاقت بويىچە تىزىلدى)

  بىرىنچى، شى جىنپىڭ دۇلۇڭ مىللىتىدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ئىككىنچى، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار مىللەتلەر خىزمىتى مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى.

  ئۈچىنچى، «جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ مىللەت تەركىبىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىندى.

  تۆتىنچى، مەملىكەتلىك مىللىي ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىلدى.

  بەشىنچى، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

  ئالتىنچى، گوۋۇيۈەن «مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدا قارار»نى تارقاتتى.

  يەتتىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  سەككىزىنچى، شىزاڭ ۋە شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە 60 يىللىقى تەبرىكلەندى.

  توققۇزىنچى، 5-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى.

  ئونىنچى، شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر