باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاۋات تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 7-تومى نەشر قىلىندى

2016.01.28 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى) ئاۋات ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى، ئاپتۇرلار قۇشۇنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا يېتەكلىشى نەتىجىسىدە «ئاۋات تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 7-تومى يېقىندا شىنجاڭ ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ ئىچكى ماتېرىياللارنى بېسىشقا رۇخسەت قىلىش ئىجارەت نۇمۇرى بىلەن نەشر قىلىندى.

  جوڭگۇنىڭ پاختا ماكانى، مۇسەللەس ماكانى، دولان-مەشرەپ مۇقاملىرى ماكانى، دولان دېھقان رەسساملار يۇرتى دەپ ئاتالغان ئاۋات ناھىيەسى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئىككى چوڭ مەدەنىيەتنىڭ بىرى بولغان دولان مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىش، ئەنئەنىۋىي دولان مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى قېزىش، دولان-مەشرەپ مۇقاملىرى ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش، دولان دېھقانلار رەسساملىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك ناھىيە قۇرۇش قەدىمىنى پۇختا بېسىپ كەلگەن ئىدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك سىياسى كېڭەش بىر نەچچە قېتىم ئاپتۇرلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتۇرلارنى تەربىيەلەپلا قالماستىن، ئاپتۇرلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتى ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپ بەردى. بىر نەچچە قېتىم تەھرىر ھەيئەتلەر يىغىنى چاقىرىپ، قوبۇل قىلىنغان ئەسەرلەر ھەققىدە مۇھاكىمە تەشكىللىدى. ئەتراپلىق تاييارلىق قىلىش ئاساسىدا نەشر قىلىنغان بۇ كىتاپقا ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى ۋە ئازاتلىقتىن كېيىنكى تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا دائىر ماقالىلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دولان مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا دائىر ماقالىلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىللەيدۇ. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر